البحث

عبارات مقترحة:

المتكبر

كلمة (المتكبر) في اللغة اسم فاعل من الفعل (تكبَّرَ يتكبَّرُ) وهو...

المؤخر

كلمة (المؤخِّر) في اللغة اسم فاعل من التأخير، وهو نقيض التقديم،...

الكريم

كلمة (الكريم) في اللغة صفة مشبهة على وزن (فعيل)، وتعني: كثير...

مۇھەممەد ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ﮔﻪ ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىيلە

الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە

المؤلف مۇسلىمە ئۇيغۇر قىزى ، نىزامىددىن تەمكىنى
القسم مقالات
النوع نصي
اللغة الأويغورية - Uyƣurqə / ئۇيغۇرچە
المفردات محمد صلى الله عليه وسلم - حقوق النبي صلى الله عليه وسلم
«مۇھەممەد ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ﮔﻪ ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىيلە» ناملىق بۇ ماقالىدا ، ئۇ زاتقا ئۇممەت بولۇش سۈپۇتىمىز بىلەن قانداق ياردەم بىرىشىمىز كىرەكلىكىنى ھەر - ساھەگە مۇناسىپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

التفاصيل

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىلە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىلە  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىلەمائة وسيلة لنصرة المصطفى صلى الله عليه وسلم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىلەﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻫﻪﻣﺪﯗ- ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺋﺎﻟﻼھقا ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺋﺎﻟﻼﻫ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ!ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﻫﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩ ﺑﻪﺭﻫﻪﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ (ﺋﺎﻟﻼﻫﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩ ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ ﻳﻮﻕ) ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ. ﻛﯩﻴﻨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ (ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ) ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ: 1.ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ: ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻗﺒﯘﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. 2. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﯞﻩ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ: ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.3.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ: ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻜﻪ ﻫﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺋﺎﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ «ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯖﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ» ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: (ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ «ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻛﻰ ﺳﻪﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯗﺭﺳﻪﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﻛﻰ، ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ.» (ﺳﯜﺭﻩ ﻣﯘﻧﺎﻓﯩﻘﯘﻥ 1- ﺋﺎﻳﻪﺕ)ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺯﻩﻫﻪﺭﺧﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﻤﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:1.                ﺑﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺸﯩﻤﯩﺰ2.                ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺩﻩﻝ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯗﺭ.2. ﺑﯩﺰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ، ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﻤﺎﺋﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ- ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.3.ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ: ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺳﻪﻫﯩﻬ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﺎﻟﺴﺎﻧﻪ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪ (ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ) ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻪ ﺑﯘﻻﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﺑﯘﻻﺭﺩﻩﻙ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.4.ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ: ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ﺋﯩﺶ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.5. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﻬﯩﺮ- ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﻕ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻰ ﺯﺍﺕ، ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻼﻫﻘﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ (ﯞﻩﻫﯩﻴﺴﯩﻨﻰ) ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ.6.ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﻡ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 7.ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ، ﺩﯨﻠﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﺎﺭﯨﺪﯗﺭ.» (33- ﺳﯜﺭ ﺋﻪﻫﺰﺍﺏ6- ﺋﺎﻳﻪﺕ)8.ﺑﯩﺰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻪﺩﯨﺴﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻫﻮﺯﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﻬﯩﺮ- ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.9. ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ)ﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺷﺘﻪﻙ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ: ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ(ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: " ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺑﺎﻻ-ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﯜﭼﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ."10. ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻰ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! (ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻏﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ) ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺗﻮﯞﻻﭖ)ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ) ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺗﯘﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، (ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ)ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ." (ﺳﯜﺭﻩ ﻫﯘﺟﯘﺭﺍﺕ2- ﺋﺎﻳﻪﺕ)11.ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﻏﻪﺭﯨﺰﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ) ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﺍ ﺗﻪﺳﺒﯩﻬ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ)» ( ﺳﯜﺭﻩ ﻓﻪﺗﯩﻬ 9- ﺋﺎﻳﻪﺕ)12. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﺎﻡ - ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ.13. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ- ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﺵ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ :"ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ" ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ.14.ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺯﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﻩ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺩﯗﺭﯗﺩ- ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻼﻫﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ .15. ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ- ﺳﺎﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.16. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺵ: ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﻖ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.17. ﺑﯘ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ.18. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺶ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﺵ.ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻫﺎﻟﻘﯩﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.19.ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ.20. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.21.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ.22. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ- ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.23. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ- ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯧﻬﯩﺮ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ. ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﺏ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:«ﺋﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ! ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﯓ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺗﺘﺎﺑﻨﯩﯔ (ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ) ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» 24. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ: «ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ (ﻫﻪﻗﻘﻰ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻠﯩﻤﮕﻪ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﻤﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ- ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺘﻪ- ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻣﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.25. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻬﺘﯩﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺶ.26.ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯩﻬﺮﻯ- ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﺋﺎﻟﯩﻢ- ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﻰ.ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:27. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺶ.28. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ.29.ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ.30. ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ، ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ.31.ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﻛﺎﺭﺗﻮﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ.32.ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.33.ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ.34.ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺘﯩﺪﻩﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ.35. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ- ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﺩﻩﻙ ﺧﻪﻳﺮ- ﺋﯩﻬﺴﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ. ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ: ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﺵ ﯞﻩﭘﻪﻗﯩﺮ- ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﺧﺶ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.36. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺶ. ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ: «ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﯞﻩ ﺩﺍﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ» ،«ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺗﻪﺳﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ» ﯞﻩ «ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﺎﻳﺎﻥ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﺎﻣﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ»37. ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.38.ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﺵ.ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:39.ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻪﻗﻘﻰ‏‏- ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﻬﺮﻯ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ.40.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ- ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ.41. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ.42.ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﺵ.43. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ.44.ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﯩﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.45.ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ.46. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻼﺭﻧﻰ (ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﻪ) ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ.47. ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ.48.ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻻﮔﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﺵ. 49. ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯘﺭﯗﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ(ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:50. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﻫﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﮕﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﭖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻫﻪﻗﯩﻘﻲ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ (ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻘﺎ، ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ) ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ.51. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ.52. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﯞﻩﻫﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ.53. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺶ-ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺵ.54.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ، ﻗﻮﺷﻨﺎ- ﻗﯘﻟﯘﻡ ﯞﻩ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ.55.ﺋﯘﻧﯩﯔ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻏﺎ، ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﻓﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ.56.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺩﺍﻧﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ.57.ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩﺯ- ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ - ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ.58.ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ.59.ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.60.ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ.61. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻏﺎ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻮﻗﻨﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﺎﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ.62.ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.63.ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﯩﻬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﯟﯨﺘﯩﺶ، ﺋﻮﺷﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺩﯨﻨﺪﺍ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻤﻪﯕﻼﺭ.» ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﯘﻧﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ: «ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻴﺴﺎ ﻧﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﯩﯖﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ.» ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.64.ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.65.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ- ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ.ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:66. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﺵ.67.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﺵ.68. ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ.69.ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﻫﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ- ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.70.ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ (ﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ) ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ.71.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯧﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ.72.ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ - ﺗﯩﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.73.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﺶ- ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ.74.ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻪﻫﯩﭙﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ -ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ.75.ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺵ. 76.ﺳﻪﻫﯩﭙﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ. 77.ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﻗﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ(ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ)ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺗﻮﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮ- ﺋﯩﻬﺴﺎﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:78. ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ.79.ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﻫﯩﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻲ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﺵ.80. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ.81. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ(ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ)ﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺴﻜﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.82. ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ. 83. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ.84.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻓﻮﻧﺪ ﻗﯘﺭﯗﺵ.ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟85.ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ (ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎﺑﻮﻟﺴﯘﻥ!) ﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﺴﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ.86. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﺲ ﻗﯧﻠﯩﺶ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﯞﺟﯜﺩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ. 87. ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ.88. ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ.89.ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ.90.ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ.ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ:91.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﺵ.92.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻼﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ.93. ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ- ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻫﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ.94. ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ- ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﺧﺘﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ.95.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ.96.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩ ﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻴﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ.97.ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻓﻮﻧﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ.98. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﺋﯜﻥ- ﺳﯩﻦ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ.99.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﻰ ﻣﺎﻫﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ.ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ، 100- ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﻮﻱ - ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﺨﻪﺕ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻤﯩﺰﻏﺎﻳﻮﻟﻼﯓ:[email protected] ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ، ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ) ﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻮﺯﯗﺭﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻕ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﺳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻫﺎﻧﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻳﻠﻰ.ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﯩﺖ - ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ SMS (ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ) ﻳﻮﻟﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ (ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ)ﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﻪﻧﺒﻪ":ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ تۇگەنجىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىش ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﺘﯩﺘﻰ" (ICSFP) ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ.ئەلنۇر تور بېكىتىدىن ئىلىندى. ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩمىسى